«شىنجاڭ ياخشى جاي» ئاسىيا مەدەنىيلىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە قالتىس نامايان بولدى

您所在的位置:网站首页 maker的意思 «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئاسىيا مەدەنىيلىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە قالتىس نامايان بولدى

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ئاسىيا مەدەنىيلىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە قالتىس نامايان بولدى

2022-06-15 09:22| 来源: 网络整理| 查看: 265

5- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئاسىيا مەدەنىيلىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرى ئورۇنلىماقتا.(مۇخبىرىمىزخەن لياڭفوتوسى)

5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا مەدەنىيلىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى، ئاسىيا مەززىلىك تائاملار بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق شادىيانە مۇزىكىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى قايناق ھېسسىياتقا تولغان ئويۇنى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇللىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

5- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ مۇھىم يانداش پائالىيىتى بولغان ئاسىيا مەدەنىيلىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ۋە ئاسىيا مەززىلىك تائاملار بايرىمى 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

ئاسىيا مەدەنىيلىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە شانلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن. بېنگال، كامبودژا، ھىندىستان قاتارلىق 16 دۆلەت ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ئەۋەتتى، جۇڭگومۇ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرىنى تاللاپ، كاتتا سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇردى.

«جۇڭگو سالاپىتى» بۆلىكىدە سىچۇەن، گۇيجوۋ، جىلىن قاتارلىق دۆلەت ئىچى ئۆمەكلىرى ئىككى مىنۇتلۇق ئويۇن قويۇش ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۇسسۇلى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرىمۇ خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا، ئۇسسۇللىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

«بىز دېگەن بۇ ئىسىم كارتىسىنى باش تېما قىلىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە كىيىم - كېچەكلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىناق، ئورتاق يۇغۇرۇلغان، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈردۇق» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى چياۋ سىمىڭ.

ئىككى مىنۇت ئىچىدە ئەڭ ئېسىل مەزمۇننى نامايان قىلىش ئۈچۈن، پۈتكۈل ئويۇن قويۇش ئۆمىكى نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئوقۇتۇش - ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھراي ئىبراھىم بۇ ئۆمەكنىڭ بۇ قېتىمقى ئايلىنىپ ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدىكى سەنئەت يېتەكچىسى، شۇنداقلا سەنئەت نومۇرىنىڭ سېنارىستى ۋە رېژىسسورى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان 24 ئارتىسنىڭ تەجرىبىسى مول، كۆپچىلىك ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ سەھنىگە چىقتى، مۇزىكىدىمۇ تاماشىبىنلارغا ياد بولۇپ كەتكەن كىلاسسىك مۇزىكىلارنىڭ بۆلەكلىرى تاللاندى، ئۇسسۇل ھەرىكىتىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە، ئەڭ جەۋھەر قىسمى نامايان قىلىندى، مەسىلەن، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدا كۆپ مىقداردا پىرقىراش ھەرىكىتى قوللىنىلىپ، قايناق ھېسسىيات نامايان قىلىندى».

باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، ئارتىسلار بالدۇرلا ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ تەييارلىق قىلدى. خىزمەت ئۆيىدە، ئارتىس رەنا ئابدۇكېرىم كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە يان تېلېفون ئارقىلىق ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان قىسقا سىننى كۆردى − رەنانىڭ ئايلىنىپ ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكى قىزىپ كەتتى، دوستلىرى ئۇنىڭغا پات - پات ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ تۇردى.

رەنانىڭ گىرىمى نەپىس، كىيىم - كېچىكى چىرايلىق بولۇپ، ئۇ يەنە كۆڭۈل قويۇپ چېچىنى بەش تال ئۆرۈۋالغانىدى. ئويۇن قويغاندا، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى ئورۇنلىغان گۈزەل، نەپىس ئۇسسۇل نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. «ئايلىنىپ ئويۇن قويۇلىدىغان بىر ھەپتە ۋاقىتتا، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن بىر مەيداندىن ئويۇن قويىمىز، بىز ئەڭ ياخشى ھالىتىمىزنى ساقلاپ، ھەر قېتىم ئويۇن قويغاندا تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.

داپ ئۇسسۇلى ئورۇنلايدىغان ئارتىس ئىلشات ئەسەت ئىلگىرى كۆپ قېتىم بېيجىڭغا كېلىپ ئويۇن قويغان. «بۇ قېتىمقى تەسىراتىم پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر ئارتىسلار بىلەن بىر سەھنىدە ئويۇن قويالىغانلىقىمىزدىن، ئالماشتۇرالىغانلىقىمىزدىن ھەممىمىز بەك ھاياجانلاندۇق» دېدى ئۇ.

بۇ قېتىمقى ئاسىيا مەدەنىيلىكى ئايلىنىپ ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «ئاسىيا مەدەنىيلىكى. دۇنيانىڭ ئورتاق يۇغۇرۇلۇشى». چياۋ سىمىڭ مۇنداق دېدى: ئايلىنىپ ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئارتىسلىرىمۇ كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە ئاسىيادىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى، كۆپچىلىك ھەرقايسى جايلاردىكى ھەر مىللەت ئارتىسلار بىلەن ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتى.



【本文地址】


今日新闻


推荐新闻


CopyRight 2018-2019 办公设备维修网 版权所有 豫ICP备15022753号-3